Uyghur←ChineseMain Dictionary
برۇنى
دۇنيا تارىخى
布鲁尼
bù lǔ ní
(1369 - 1444) ئىتالىيىلىك گۇمانىزمچى، تارىخشۇناس. ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاربززو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا فلورېنسىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، يۇنان ئالىمى كىرىسولوراس (تەخمىنەن 1355 - 1415-يىللار) تىن تەلىم ئالغان. 1405 - 1415-يىللىرى پاپانىڭ كاتىپى بولغان، 1427 - 1444-يىللىرى فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. قەدىمكى يۇنان ئالىملىرى ئارىستوتېل، ئەپلاتون، پلوتاركوس قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان ھەمدە ئىتاليان دىئالېكتى بىلەن مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش پېشۋالىرىدىن دانتې، پېتراركلارنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى لاتىنچە يېزىلغان 12 توملۇق <فورېنسىيە تارىخى> بولۇپ، ئۇنىڭدا فلورېنسىيە شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ 1404-يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېتىكا، پەلسەپە، مائارىپ ساھەلىرى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. سىياسىي جەھەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرغان. تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتە تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا تىرىشقان، شۇنىڭدەك تەھلىل قىلىش، ماتېرىياللارنى ئايرىشقا ماھىر بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
布鲁尼
bù lǔ ní