UyghurMain Dictionary
برېست سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
يەنى <برېست - لىتوۋسك سۈلھ شەرتنامىسى> سوۋېت روسىيىسى بىلەن گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى (ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، تۈركىيە، بۇلغارىيە) نىڭ برېست لىتوۋسك (بۈگۈنكى برېست) دە ئىمزالىغان شەرتنامە. سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى <تىنچلىق پەرمانى> دا، ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، 1917-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 12-ئاينىڭ 9-كۈنى تىنچلىق سۆھبىتى باشلانغان. كېيىنكى يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، سوۋېت روسىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ۋەكىلى تروتىسكىي لېنىننىڭ يوليورۇقىغا خىلاپلىق قىىپ، تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى رەت قىلغان ھەمدە <ھەم ئۇرۇشمايدىغان، ھەم ياراشمايدىغان> لىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيە ئارمىيىسى پۇرسەتىن پايدىلىنىپ تىنچلىق سۆھبىتىنى بۇزۇپ، پېتروگرادقا كەڭ كۆلەمدە قىستاپ كەلگەن. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت دۆلىتىنى جاھانگرلىك ئۇرۇشىدىن چېكىنىدۈرۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئېغىر شەرتنامىگە ئىمزا قويۇشنى قارار قىلغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، سوۋېت روسىيىسى بىر مىليون كۋادىرات كىلومېتىر زېمىنىدىن ئايرىلغان ۋە غايەت زور تۆلەم تۆلىگەن. لېكىن شۇ ئارقىلىق ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ،ئىگىلىكنى تەرتىپكە سېلىپ، قىزىل ئارمىيە قۇرۇپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ مېۋىسىنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە كۈچ توپلاپ ئاق گۋاردىيە ۋە چەت ئەل قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىگە زەربە بەرگەن. 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 31-كۈنى، سوۋېت ھۆكۈمىتى گېرمانىيىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىدىن پايدىلىنىپ مەزكۇر شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.