UyghurMain Dictionary
بلاگويىۋ
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1924) بۇلغارىيە ئىشچى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (بىرىككەنلەر گۇرۇھى) نىڭ قۇرغۇچىسى ھەم داھىيىسى. ماكېدونىيىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان. روسىيىدىكى ئودېسا سودا - سانائەت كەسپىي مەكتىپى (1878 - 1880) ۋە پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان (1881-يىلى 12-ئايدا، روسىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسى گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1885-يىلى 2-ئايدا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن سوتسىيالىزم ئىديىسىنى تەشۋىق قىلغان. شۇ يىلى يازدا سوفىيىدە بۇلغارىيە بويىچە تۇنجى سوتسىيالىستىك ژۇرنال <ھازىرقى زامان يېتەكچىسى> نى نەشر قىغان. 1891-يىلى بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتر پارتىيىسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى <يېڭى دەۋر> نى باشقۇرغان. 1903-يىلى پارتىيە ئىچىدىكى سولچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرىككەنلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1910-يىلى بىرىككەنلەر گۇرۇھى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ كوپىنھاگېن قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، لېنىن تەشەببۇس قىلغان ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سولچىلا ھەرىكىتىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جاھانگىرلىك ئۇرۇش ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سوتسىيال شوۋىنىزمچىلارنىڭ ساتقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا پاش قىلىپ، بىرىككەنلەر گۇرۇھىنىڭ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1923-يىلى فاشىزمغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <بۇلغارىيە سوتسىيالىزم تارىخى>، <سوتسىيالىزم دېگەن نېمە ھەمدە ئۇ ئېلىمىزدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەمدۇ - يوق؟> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.