UyghurMain Dictionary
بېرنارد شاۋ
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1850) ئىرلاندىيە يازغۇچىسى، ئەدەبىي ئوبزورچىسى. بېرلىندا تۇغۇلغان. 1876-يىلى ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1879-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. پۈتۈن ئۆمرىدە 50 نەچچە سەھنە ئەسىرى، بەش رومان ۋە باشقا ئەسەرلەرنى يازغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، تارىخ، پەلسەپىۋى قائىدە، سىياسىي ۋەزىيەت قاتارلىقلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. 1884-يىلى فابىئان جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. <فابىئان جەمئىيىتى خىتابنامىسى> نى يازان، فاىپئان سوتسىيالىزمى نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، ئىسلاھات، سىڭىپ كىرىش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جەمئىيتىنى ئۆزگەرتىپ <سوتسىيالىزمغا> كىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. 1925-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە سەھنە ئەسىرىدىن: <ۋاللېن خانىمنىڭ كەسپى>، <كاتتېتان>، <ئالۋاستىنىڭ شاگرىتلىرى>، <ئادەم ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئادەم>، <مايورباربارا>، <ھەقىقىي قىياپەتنىڭ ئاشكارلىنىشى>؛ روماندىن: <ئىشتىن سىرتقى سوتسىيالىزمچىلار>، <نېگىر قىزنىڭ تىلاۋىتى> قاتارلىقلار؛ ئەدەبىي ئوبزور ئەسەرلىرىدىن:<ئىبسېنچىلىقنىڭ جەۋھىرى>، <سېپى ئۆزىدىن بولغان ۋاگنىرچىلار> قاتارلىقلار بار.