UyghurMain Dictionary
بېرنادوت
دۇنيا تارىخى
(1763 - 1844) فرانسىيە مارشالى، شۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيە كورۇلى (1818 ) 1844(. پائۇ شەھىرىدە ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 17-يېشىدا چاقىرققا بىنائەن ئەسكەر بولغان. 1790-يلى فرانسىيە ئىنقىلابىنى قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىغا ئايلانغان. 1794-يىلى ھەربىي قەھرىمانلىقى ئۈچۈن برىگادىر بولغان. 1798-يىلى ھەربىي قەھرىمانلىقى ئۈچۈن بىرىگادىر بولغان. 1798-يىلى ۋېنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 7991-يىلى 7-، 9-ئايلاردا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىدە بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پارلامېنت ئەزاسى ۋە غەربىي يول ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ناپولېئوننىڭ ھاكىمىيەت قارا نىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، جۇمھۇرىيەتچى ئوفىتسېرلار گۇرۇھىنىڭ سۇيىقەستىگە قاتناشتى دەپ گۇمان قىلىنغان. 1804-يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، سادىق بولۇش قەسىمى بېرىپ، مارشال بولۇپ، كورۇل سايلاشقا قاتنىشالايدىغان كىنەزلىك ھاننوۋېرنىڭ ھەربى - مەمۇرىي باش ۋالىيىسى بولغان. كۆپ قېتىم ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، زور ھەربىي خىزمەت كۆرسەتكەن. 1810-يىلى ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى شۋېتسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن تەخت ۋارىسى قىلىپ تالللىنىپ، ئىسمى چارلېس، جون دەپ ئۆزگەرتىلىپ، شۋېتسىيىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن. 1810 - 1812-يىللىرى ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، كۆرۈنۈشتە ئەنگلىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغاندەك قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1812 - 1813-يىللىرى، ئىلگىرى - كېيىن روسىيە، ئەنگلىيە ۋە پرۇسسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا قانتاشقان. ئارقىدىنلا دانىيىنى يېڭىپ، نورۋېگىيىنى تارتىۋالغان. ناپولېئون بىرىنچى قېتىم تەختنى بوشاتقاندىن كېيىن، فرانسىيە كورۇلى ياكى دۆلەت ھامىيىسى بولۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، قارشىلىققا ئۇچرىغان. 1814 - 1815-يىللىىرىدكى ۋېنا يىغىنلىرىدا، روسىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدىلا، شۋېتسىيىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالغان 1818-يىلى شۋېتسىيە بىلەن نورۋېگىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، چارلېس، جون ⅩⅣ دەپ ئاتالغان. ستوكھولىمدا ۋاپات بولغان.