UyghurMain Dictionary
برائۇدېر رېۋىزىئونىزمى
دۇنيا تارىخى
برائۇدېر ۋەكىللىكىدىكى رېۋىزىئونىزم - تەسلىمچىلىك لۇشيەنى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇرژۇئازىيە بىلەن فاشىزمغا قارشى خەلقئارا بىرلىك سەپ قۇرۇش شارئىتىدا شەكىللەنگەن. بۇ لۇشيەن زامانىمىزنىڭ جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى دەۋرى ئىكەنلىكىنى، سوتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى، مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكە خەلقلىرى بىلەن جاھانگىرلىكنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى ئىنكار قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ <تېھران خىتابنامىسى> دۇنيانى كاپىتالىزم بىلەن سوتسىيالىزم <ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان> دەۋرگە باشلاپ كىردى، دېگەننى تەرغىپ قىلغان؛ ئامېرىكىنىڭ جاھانگىرلىك خاراكتېرىنى ئىنكار قىلىپ،<ئامېرىكا مۇستەسنالىق نەزەرىيىسى> نى تەرغىپ قىلىپ، ئامېرىكا ھېلىمۇ <كاپىتالىزمنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى بەزىبىر خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاۋاتىدۇ> دەپ كۆككە كۆتۈرگەن؛ ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ھەمكارلىقى تەرغىپ قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي كۈرەشنى <ئىمكان قەدەر ئازايتىش> ۋە <ئېنىق چەكلەش> نى تەشەببۇس قىلغان، <پۈتۈن مەملىكەت ئىتتىپاقلىقى> نى نىقاب قىلىپ، پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنى پەقەت تەشۋىقات ئىشى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان <سىياسىي ئۇيۇشما> قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ماركسىزم - لېنىنىزمنى <دوكما>، <كونىراپ كەتكەن فورمۇلا> دەپ ھۇجۇم قىلىپ، <ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ خاتا تەلىملىرى> نى پۈتۈنلەي تازىلاش تەشەببۇس قىلغان. بەزى دۆلەتلەردىكى كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىگە بەكمۇ يامان تەسىر كۆرسەتكەن. ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىچىدە فوستېر باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم كوممۇنىستلارنىڭ قارشلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە كۆپلىگەن قېرىنداش پارتىيىلەرنىڭ چەكلىشى ۋە تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان.