UyghurMain Dictionary
برائۇدېر
دۇنيا تارىخى
(1891 - 1973) ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى، رېۋىزىئونىست. ئۆسمۈرلۈكىدە ئائىلىسىنىڭ كەمبەغەللىكىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، كېيىن بوغالتىر بولغان. 15 يېشىدا ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىن شىمالى ئامېرىكا سىندىكالىسترلا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ۋە بۇ ئىتتىپاقنىڭ <ئەمگەك> ژۇرنىلىنى تەھىرىرلەشكە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ۋە ئەسكەرلىككە تىزىملىتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1920-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك ھەرىكەتكە قاتناشقان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىتتىپاقىنىڭ <ئەمگەك ئاۋانگارتى> گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئامېرىكا ئىشچىلار پارتىيىسى (كېيىن نامى ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1926-يىلى جۇڭگونىڭ خەنكو شەھىرىگە كېلىپ، پان تىنچ ئوكيان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1930-يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا كومپارتىيىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار سېكرىتارى، كېيىن باش سېكرىتارى بولغان. 1944-يىلى 4-ئايدا، <تېھران> دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا كاپىتالىزم بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ ھەمكارلىقى دەۋرىگە قەدەم قويدى، دەپ تەرغىپ قىلغان ۋە ئۇنى <تېھران روھى> دەپ ئاتىغان. شۇ يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا كومپارتىيىسنى تارقىتىۋېتىپ، باشقدىن <كوممۇنىستىك سىياسىي كېڭەش> دېگەن تەشكىلات قۇرۇپ، كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. 9451-يىلى فوستېر باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا كوممۇنىستلىرىىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ۋزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىنكى يىلى 2-ئايدا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىن <كوممۇنىزم تەتقىقاتى> ژۇرنىلى رېداكسىيىسىنڭكى مەسلىھەتچىسى بولغان. برائۇدېرنىڭ <كوممۇنىزم ئامېرىكىدا>، <تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشايلى>، <چىقىش يولى>، <غەلىبە ۋە غەلىبىدىن كېيىن>، <ماركس ۋە ئامېرىكا> دېگەن كىتابلىرى بار.