UyghurMain Dictionary
بوزەكنى تاپسام بۇرنىغا يىپ ساپسام
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ياۋاش، ئاجىز، بىچارىلەرنى تاپقاندا ئۇلارنى بۇردا قىلىپ، ھىيلە - مىكىر بىلەن نەپ ئالمىسا قانائەت قىلمايدىغان مەككار، ئالدامچىلارنىڭ خۇي - پەيلىنى بىلدۈرىدۇ: - سېنى ئالدىغان ئېرىنى ئۇرغۇزماي، ئەجەب سېنى ئۇرغۇزىدىكەنا! بوزەكنى تاپسام بۇرنىغا يىپ ساپسام بوپتۇ - دە، - دېدى بەختىخان.