UyghurMain Dictionary
بوزەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارشىلىق كۈچى يوق، ئاجىز.
« بوسۇنچۇق » ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
بوزەركنى تاپسام، بۇرنىغا يىپ ساپسام. ئانىينى تاپسام، شىللىسىگە مىنىپ چاپسام.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قارشىلىق كۈچى ئاز، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان.
مۇشتۇمزور، زومىگەر
كۈچ - تەسىر ۋە بايلىقىغا تايىنىپ باشقىلارغا زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان.
ئانىينى تاپسام، بۇرنىغا يىپ ساپسام. بوزەكنى بوزەك ئەتمىسەڭ قىيامەتتە سورىقى بار. مۇشتۇمزور ئاخىر مۇشت ئاستىدا ئۆلىدۇ. يەر ئىسلاھاتىدا زومىگەرلەر كۈرەشكە تارتىلىپ، قالپاق كىيدۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنغان، قامالغان، ئېتىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باشقىلارغا تاقابىل تۇرالمايدىغان، قارشىلىق قىلىش ئىقتىدارى كەم؛ باشقىلارنىڭ خورلىشى، كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان، ئانىي.
بوزەك بولماق. بوزەك قىلماق.
بوزەكنى بوزەك ئەتمىسەڭ، قىيامەتتە سورىقى بار (ماقال).