UyghurMain Dictionary
بولسا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<بولماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ شەرت رايى.
ئوغرى بولساڭ ئىنساپ بىلەن بول، قازىنىنى ئالساڭ تۇۋىقىنى قوي (ماقال).
ھەر كىشىنىڭ يارى بولسا قېشىدا بولسا، پەرەڭ ياغلىق ئاشۇ يارنىڭ بېشىدا بولسا.
باغل، جۈملىدە ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايرىغۇچى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ.
مەن بولسام ئوقۇتقۇچى، ئەخمەت بولسا دېھقان.
ئىلگىرىلەش باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ.
جوزا توغرالغان نان، پىششىق گۆش، سېرىقماي، قېزا، سامسىلار بىلەن تولغان، تاشقىرىقى ئۆيدىن بولسا قايناۋاتقان سۈر گۆشنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.
<غان، قان، گەن، كەن> قوشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان سۈپەتداشلار بىلەن بىللە كېلىپ، قوشما جۈملە تەركىبىدىكى شەرت جۈملە بىلەن پەرەز جۈملىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
سەن كەلمىگەن بولساڭ، مەن باراتتىم.