UyghurMain Dictionary
بولدى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<بولماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ ئېنىق ئۆتكەن زامان Ⅲ شەخس بىرلىك فورمىسى.
سائەت 12 بولدى.
كۆچمە. كۇپايە، يېتەرلىك.
- ماڭا بىرەر نان بەرسەڭ بولدى. مېڭىۋېرىمەن، - دېدى يولۇچى شاھزادىغا.
كۆچمە. بەس، توختا.
- بولدى، - ئاسىم ئاكام ئەخەتنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى، - نېمە بولسا بولسۇن، ئەسكەرگە ماشىنىنى بېرىڭلار.