UyghurMain Dictionary
بوغۇن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەۋلاد، نەسىل.
ياش بوغۇنلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش _ ھەممىمىزنىڭ بۇرچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھەرە، سېرىق ھەرە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاشارات، تۈرى كۆپ، توپلىشىپ ياشايدۇ، زەھەرلىك نەشترى بولىدۇ. بۇ يەردە ھەسەل ھەرىسى كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ.
<زۇلپۇڭ> تۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
بىر تال گۈلدىن ھەرە شىرنە يىغار، يىلان زەھەر. ھەرە بول، ھەسەل بەر، لازىم بولسا، نەشتىرىڭنى سانجى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
چىڭگىلىككە ئوخشايدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ھەرە (ھەسەل ھەرىسى).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوغۇم.
قۇمۇش بوغۇمى، بارماق بوغۇمى. بۇ سۆزدىكى «ن _ n» ھەرپى «م _ m» ھەرپىنىڭ ئورنىغا ئالماشقان. بۇ قائىدىگە ماس كېلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
1 - 518
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەۋلاد، نەسىل.
ياش بوغۇنلاردىن بەزىلىرى جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. چىڭگىلىككە ئوخشايدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.