UyghurMain Dictionary
بوغۇلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<بوغماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
- ئاغزى بوغۇلغان كالىدەك پۇشۇلداپ يۈرىسەنغۇ؟ - دېدى ئابلەت تۇرغۇنغا.
خىرىلداپ نەپەس ئالماق، ئاۋاز چىقىرىش تەشلەشمەك؛ بوغۇق ئاۋاز بىلەن سۆزلىمەك.
ئۇ پات - پات بوغۇلۇپ يۆتىلەتتى ۋە خىرقىراپ نەپەس ئالاتتى.
غەزىپىنى ئىچىگە يۇتماق.
ئۇ تازا بوغۇلۇپ تۇرغاندا، بىردىنلا قومۇشلۇق ئىچىدىن بىر بېلىقچى كىچىككىنە قېيىقنى ھەيدەپ چىقىپ كەلدى.
چىرمالماق، مۇپتىلا بولماق؛ پاتماق.
قەرزگە بوغۇلماق.