UyghurMain Dictionary
بىلىمسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - بىلىمدىن خەۋىرى يوق، مەلۇماتى يوق.
بىلىمسىز ئادەم ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. بىلىمسىز بالا موزايدىنمۇ يامان. بىلمىسىز تۆردە ئولتۇرسىمۇ، ئۇ تۆرنىڭ پەگاھتىن پەرقى يوق. ئىلىمسىز كىشى نېمە؟ ھايۋان پەقەت، جانسىز تەن، بېزەكلىك بىر ئايۋان پەقەت. نادانغا سۆزلىگەن ئىست سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت كۆزۈم. نادان قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھېچبىر بىلىمى، مەلۇماتى يوق.
بىلىملىك، بىلىمدان، ئوقۇغان، قورسىقىدا ئۇمىچى بار
مول بىلىمگە، يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە.
بىلىملىك يېڭەر، بىلىمىسز قالار. بىلىمدان ئۇزار، بىلىمسىز توزار. بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش. بىلىمسىز بالاڭ - ھايۋاندىن يامان. ئوقۇغاننىڭ كۆزى تۆت. ئوقۇمىغان بەك ۋاقىرايدۇ. ئو قورسىقىدا ئۇمىچى بار يىگىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىلىمى، مەلۇماتى يوق؛ بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە ئەمەس؛ نادان.
بىلىملىك ئاسمانغا چىقىپتۇ، بىلىمسىز ساماندا يېتىپتۇ (ماقال).