UyghurMain Dictionary
بىلىملىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - بىلىمدىن ياخشى بىلىش ھاسىل قىلغان.
گەپكە ئۇستىلىق ھەقىقىي بىلىملىكنىڭ ئىسپاتى ئەمەس. بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز توزار. مەلۇماتلىق كىشى نەگە بارسا ئىشقا يارايدۇ. ئوقۇغاننىڭ ھەممىسىلا ئۇقۇمۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. قورسىقىدا ئۇمىچى بار ئادەم خەققە تۆھمەت قىلمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ياكى شەيئىنىڭ ئېنىقلىماق، بەلگىلىمەك.
ھەركىم ئۆز دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. مىڭنى بىلسەڭمۇ، بىرنى بىلدىغاندىن سورا. ئۆز نادانلىقىنى بىلگەن ئەخمەق ئەمەس. بىلگەن بىلگىنىنى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر. بىر ئادەمنى بىلگۈڭ كەلسە، ئاۋۋال ئۇنىڭ دوستىنى بىل. ئۇقمىساڭ، قېرىلاردىن سورا، بىلمىسەڭ، ئۆيۈڭدە ياتما. سەۋەنلىكنى تونۇش ئىشىكى دائىم ئۇچۇق. خاتالىقنى تونۇغانلىق يېرىم تۈگەتكەنلىك. ئۇنى چۈشەنمىگەن بۇنى چۈشىنىدۇ. بۇ ئىشقا ئۇنىڭ ئەقلى يېتىدۇ، ئىشلەش قولىدىن كېلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مول بىلىمگە، يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە.
بىلىمسىز، ئوقۇمىغان
ھېچبىر بىلىمى، مەلۇماتى يوق.
بىلىملىك يېڭەر، بىلىمىسز قالار. بىلىمدان ئۇزار، بىلىمسىز توزار. بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش. بىلىمسىز بالاڭ - ھايۋاندىن يامان. ئوقۇغاننىڭ كۆزى تۆت. ئوقۇمىغان بەك ۋاقىرايدۇ. ئو قورسىقىدا ئۇمىچى بار يىگىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىلىمى بار، بىلىمگە ئىگە، بىلىمى مول.
بىلىملىك زىيالىي.