Chinese→UyghurMain Dictionary
北条时宗
تارىخ
běi tiáo shí zōng
ھوجو توكمۇن
دۇنيا تارىخى
ھوجوتوكىمۇنې
(1251 - 1284) ياپونىيە كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنىڭ 8 - ھۆكۈمدارى. ھوجو توكىيورىنىڭ ئوغلى. ئادەتتە ساگامى تارو دەپ ئاتىلىدۇ. 1268 - يىلى شوگۇنلۇقىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. 1268 - 1270 - يىللىرى قۇبلايخان ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ ئولپان تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى بەش مەرتەم رەت قىلغان. 1274 - يىلى (ياپونىيە ۋېنيۇڭ 11 - يىلى، يۈەن سۇلالىسى جيۈەن 11 - يىلى) يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى ياپونىيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە كىيۇشۇ سامۇرايلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە شىمالىي كىيۇشۇ قىرغاقلىرىدا تاش قورغانلار قۇرۇپ (بۇلارنىڭ ئىزلىرى ھازىرمۇ بار). قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان (تارىختا بۇ ئۇرۇش <ۋېنيۇڭ ئۇرۇشى> دەپ ئاتىلىدۇ) 1279 - يىلى (ياپونىيە خۇڭئەن 2 - يىلى، يۈەن سۇلالىسى جيۈەن 16 - يىلى) يۈەن سۇلالىسى ئۇنى خاقانلىققا ئولپان تاپشۇرۇشقا يەنە بىر قېتىم قسىتىغان. توكىمۇنې كەلگەن ئەلچىلەرنى كاماكۇرادا ئۆلتۈرۈۋېتىپ قەتئىي رەت قىلغان. يۈەن سۇلالىسى ئارمىيىسى 1281 - يىلى ياپونىيىگە يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلغان. بۇ قېتىمدا تەيفېڭ بورىنىغا ئۇچراپ ئۇرۇشماي تۇرۇپ يېڭىلگەن (بۇ ئۇرۇش تارىختا <خۇڭئەن ئۇرۇشى> دەپ ئاتىلىدۇ). ھوجو توكىمۇنې بۇددا دىنى دىيانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 1279 - يىلى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دىيانا مەزھىپى راھىبى ۋۇشۆزۇيۈەن (1226 - 1286) نى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇستاز تۇتقان. 1282 - يىلى يۈەنجۆ بۇتخانىسىنى قۇرۇپ، سامۇرايلارنىڭ دىيانا مەزھىپىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشتەك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن.