Chinese→UyghurMain Dictionary
北条氏
دۇنيا تارىخى
ھوجو جەمەتى
(1) ياپونىيىنىڭ كاماكۇرا دەۋرىدە ئەمەلىي ھوقۇقنى ئۆز قولىد تۇتۇپ تۇرغان دۆلەتمەن جەمەت. ھوجو توكماسا ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى مىناموتويورىتوموتونىڭ قوشۇن تارتىپ تائىرا جەمەتىنى يېڭىشىگە ياردەملەشكەن ھەمدە كاماكۇرا شوگۇنلۇقنى (1192) قۇرغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھوجو جەمەتى خاننىڭ خانىكە تەرەپ تۇغقانلىقرى سالاھىيىتى بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا <ھوقۇق تۇتۇش> قا قويۇلغان. ئۇلار شوگۇنلۇقىنىڭ سىياسىتىنى تىزگىنلىگەن. رېنشو ۋەكالەتچىسى، كىيۇشۇ ۋەكالەتچىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىگىلىۋالغان. كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەتتىكى باش ۋالىيلىق لاۋازىمنىڭ يېرىمىنى (تەخمىنەن 30 ىنى) ئىگىلىۋالغان. 1333 - يىلى نىتتا يوشىسادا ئارمىيىسى كاماكۇراغا كىرگەندىن كېيىن، ھوجو جەمەتى بىلەن كاماكۇرا شوگۇنلۇقى تەڭلا گۇمران بولغان. (2) ياپونىيىنىڭ يېغىلىقلار دەۋرىدىكى كانتو دۆلەتمەن جەمەتلىرىدىن بىرى. 1914 - يىلى ئىسې ناگائۇجى (سوئۇن) ئوداۋارا (ھازىرقى كاناگاۋا ناھىيىسى) غا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ۋە بۇ يەردە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئۇجىتسۇنا ئۆزىنى ھوجو جەمەتى دەپ ئاتىغان. كاماكۇرا شوگۇنلۇقىدا <ھوقۇق تۇتقان> ھوجو جەمەتىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ جەمەت كېيىنكى ھوجو جەمەتى ياكى ئوداۋارالىق ھوجولار دەپ ئاتالغان.