UyghurMain Dictionary
باتىنىي مەنا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەنىسى يوشۇرۇن، چۈشىنىش تەس بولۇپ، ھەقىقىي مەنىسىنى ئاز ساندىكى مۇفەسسىرلەرلا چۈشىنەلەيدىغان سۈرە - ئايەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ تىل ئۇسلۇبى، تىل قائىدىسى، تەلەپپۇزىدا پۈتۈنلەي ئەرەب تىلىنىڭ ئادىتى ئاساس قىلىنغان. بەزى سۈرە - ئايەتلەر يوشۇرۇن مەنىلىك ۋە بېشارەتلىك بولۇپ، مەنىسى بىۋاسىتە ئىپادىلەنمىگەن، يەنە بەزى سۈرە - ئايەتلەردە تەمسىللەر، رىۋايەتلەر، يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنى زاھىر مەنىسى بويىچە چۈشنىنىشكە بولمايدۇ. بۇنداق باتىن سۈرە - ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىشتا ئادەتتە كىشىلەر ئارىسىدىكى تەپسىر ياكى بېشارەتلىك تەپسىر ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇنى ئەھكام چىقىرىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.