UyghurMain Dictionary
باجرام كۇررى
دۇنيا تارىخى
(1862-1925)ئالبانىيە مىللىي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1911-1912-يىللىرىدىكى تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىكىگە قاتناشقان. 1921-يىلىدىن كېيىن زوگۇ فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمىتىگە ئاكتىپ قارشى تۇرغان. 1924-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىدا ئالدى بىلەن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە كۇكېس قاتارلىق جايلاردا غەلىبە قىلغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى زوگۇ ژاندارمىلىرى بىلەن بولغان كۈرەشتە قۇربان بولغان.