UyghurMain Dictionary
بارماقⅡ
بارماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچى ياكى كۆزەتكۈچى تۇرغان جايدىن، نەزىرىدىن نېرى كەتمەك، يىراقلاشماق، يول ئالماق:[مىسال:] بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② داۋاملاشماق، داۋام قىلماق:[مىسال:] بۇ يەردە گەپ دۆلەت ھاكىمىيىتى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدىلا بارىدۇ.[يەشمىسى:] ③ رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۈس مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] 1) ئىش-ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن ھۇشۇر ئاكامغا ياندىشىپ كېتىپ باراتتىم.[يەشمىسى:] 2) ئىش-ھەرىكەتنىڭ پەللىمۇپەللە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دۆلەت بىكار قىلىنىدۇ ئەمەس، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ھالاك بولۇپ بارىدۇ.[يەشمىسى:] 3) ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ، بۇ كەمگىچە كورلىغا يېتىپ باردى.[يەشمىسى:] ④ يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، شۇ نەرسىنىڭ شۇ سان بىلدۈرگەن چەككە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلى 12 مىڭ يۈەنگە بارىدۇ.