UyghurMain Dictionary
بارگاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پادىشاھ قوبۇلخانىسى، قەسىر، ساراي:
چېدىر، ئۇتاق:
مازار، قەسىر:
2. تىكلدى ئىككى ياندىن بارگاھلار،
مۇۋافىق بولدى ئىككى پادىشاھلار.
لۇتقى.
2. پەقىر نامراتلارغا ھەم بەردى ئات،
ئاق ئۆي چادىرۇ بارگاھ بىرلە كات.
موللا شاكىر.
3. خەلق تاۋاب ئەتمەك ئۈچۈن بارگاھ،
بارماقىنى بەرمەس ئىلكىدىن رەھا.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوردا، ساراي؛ مەنزىل؛ چېرىكلەر قوشى (لەشكەر تۇرىدىغان جاي)؛ قوبۇلخانا: مازار؛ قىرغاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەربىي قوشۇن تۇرىدىغان جاي، ھەربىي يۈرۈشتە چۈشكەن يەر.
گازارمىدا تەرتىپ قاتتىق، لېكىن تۇرمۇش كۆڭۈللۈك. لاگېردا تۇرغان چاغلىرىم يادىمدىن چىقمايدۇ. پادىشاھ بارگاھ قۇرۇپ ئولتۇردى. خان قارارگاھىغا قايتتى. ئۈرۈمچىدە يىڭفاڭلار كۆپ ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ھەربىي قوشۇن، پادىشاھ، خان، ۋاڭ، بەگ قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ تۇرار جايى؛ دەرگاھى.
مەخسۇت بەگ بۇ چاغدا، چېدىر بارگاھتا قوللىرىنى شىلتىپ، ھە دەپ ئىمام خاتىپقا كايىۋاتاتتى.