UyghurMain Dictionary
باغلىنىشچانلىق ھادىسىسى
بىئولوگىيە
مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئۆز ئارا بىرلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەيلى ئوخشاش ئورگانلار ياكى ئوخشاش بولمىغان ئورگانلار ئوتتۇرىسىدا بولسۇن، ھەممىسى بىر - بىرىگە تايىنىدۇ ۋە بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بۇ خىل بىر - بىرىنى شەرت قىلىش ۋە تەڭشەش مۇناسىۋى باغلىنىشچانلىق ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ھەر قانداق بىر قىسىمىنىڭ ئۆسۈشى مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلمايدۇ، پەنى ھەر قانداق بىر ئۆسۈش مەركىزىنىڭ يېتىلىشى باشقا قىسىملارنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتە تەڭشىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، چوققا بىلەن يان شاخنىڭ مۇناسىۋىتى (چوققا ئۈستۈنلۈكى)، يەر ئۈستى قىسىم بىلەن يەر ئاستى قىسمىنىڭ مۇناسىۋىتى (تاج ئۈستۈنلۈكى)، يەر ئۈستى قىسىم بىلەن يەر ئاستى قىسىمنىڭ مۇناسىۋىتى (تاج يىلتىز نىسبىتى)، ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈش بىلەن كۆپىيىپ ئۆسۈشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشتىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقرىشى ۋە مېۋە دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈشتە شاخ رەتلەش، ئۇچىنى ئۈزۈش، گۈلىنى شالاڭلاشتۇرۇش، مېۋىنى شالاڭلاشتۇرۇش ۋە يوپۇرماقنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.