UyghurMain Dictionary
باغلىنىش
بىئولوگىيە
<تۇتاش ھالقا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوخشاش بىر خروموسومىدىكى غەيرىي تەڭ ئورۇنلۇق گېنلارغا ئەگەشكەن ئىرسىيەت ھادىسىسىدۇر. بىر تال خروموسومدىكى گېنلار سان كېمەيتىپ بۆلۈنگەندە دائىم بىر دانە گامېتىغا بىرلىكتە ئۆتىدۇ، شۇڭلاشقا سىناپ چېتىشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەۋلادتا ئەجداد تىپى بىلەن يېڭىدىن بىرلەشكەن تىپىنىڭ نىسبىتى، ئەركىن كومبىناتسىيىلىشىش قانۇنىغا ئاساسەن ھېسابلانغان نەزەرىيىۋى قىممىتىدىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر خروموسوما ئۈستىدىكى ئىككى دانە گېن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئالماشسا، سىناپ چېتىشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەۋلادتا پەقەت ئەجداد تىپىدىكىلىرى كۆرۈلۈپ، يېڭىدىن بىرلەشكەن تىپىدىكىلىرىنىڭ بولمايدىغانلىقى تولۇق باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەكسىچە ئەگەر ئارىلىقى ناھايىتى يىراق بولسا، ياكى بەلگىلىك چاستوتىدا كۆپ ياكى ئاز ئالماشسا، سىناپ چېتۇشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەۋلادتا يېڭىدىن بىرلەشكەن تىپلىقلىرىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى تولۇقسىز باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باغلانغان ھالەت؛ باغلىق بولۇش.
ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت؛ ئالاقە.
ئەگەر بۇ خۇنپەرلەر بىلەن ھېچبىر باغلىنىشىم بولمىسا، ئۇلار مېنى نېمە قىلالايتتى.
<پەلس> شەيئىنىڭ ئىچكى زىددىيەت تەرەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ياكى شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بېقىنىش، تەقەززا قىلىش ۋە بىر - بىرىگە ئايلىنىش مۇناسىۋىتى.