Chinese→UyghurMain Dictionary
阿尔丰沙五世
دۇنيا تارىخى
Ⅴ ئالفونسو
(1) (تەخمىنەن 8513 - 1458) ئاراگون بىلەن سىتسىىلىيىنىڭ كورۇلى (1416 - 1458). 1442-يىلى نېئاپولنى ئىشغال قىلغان ھەمدە سىتسىلىيە بىلەن نېئاپولنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى <ئىككى سىتسىلىيە كورۇلى> دەپ ئاتىغان (ئالفونسو Ⅴ دەپ ئاتىغان، 1442 - 1458). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى كۆپلىگەن قابىلىيەتلىك شەخسلەرنى جەلپ قىلغان. (2)(1432 - 1481) پورتۇگالىيە ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1438 - 1481). ياش ۋاقتىدا تەختكە چىققان، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە تاغىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نايىب بولغان. 1448-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1458- ۋە 1471-يىللىرى ئافرىقىغا بېسىپ كىرىپ، 1471-يىلى تانگېر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن كاستىللارنى ئىشغال قىلىپ، كىنەزلىكنىڭ مەلىكىسى يۇئاننا بىلەن توي قىلغان؛ يۇئاننا شۇ مەزگىلد بىر قسىم دىنىي ۋە دھرىي ئاقسۆڭلەكلەرنىڭ قوللىنىشىغا ئىگە بولۇپ، ئىسابېل Ⅰ بىلەن كاستىللانىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تالاشقان. ئالفونسو Ⅴ كاستىللارنى قوشۇۋېلىشنى كۆزلىگەن، لېكىن 1476-يىلدىكى تورو جېڭىدە ئىسابېلنىڭ ئېرى فېرناندو Ⅱ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان (<فېرناندو Ⅱ> گە قاراڭ). 1479-يىلى ئىككى تەرەپ ئالكانتارادا سۈلھ تۈزگەن. كېيىن ئالفونسو Ⅴ سىنترادىكى موناستىردا تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئوغلى موناستىردا تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئوغلى جۇئان (كېيىنكى جۇئان Ⅱ) نىڭ بىر ياقىلىق قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان.