Chinese→UyghurMain Dictionary
阿尔丰沙十三世
دۇنيا تارىخى
ⅩⅢ ئالفونسو
(1886 -1941) ئىسپانىيە كورۇلى (1886 - 1931). ئالفونسو ⅩⅡ نىڭ قورساقتا قالغان بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىنلا تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئاپىسى مارىيە كىرىستىنا نايىب بولغان. 1902-يىلىدىن باشلاپ ئۆزى ھۆكۈم سۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ، كەينى - كەينىدىن ھۆكۈمەت يەڭگۈشلەنگەن؛ 1921-يىلى ئىپسانىيىگە قاراشلىق ماراكەشتە يەرلىك خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1923-يىلى رىۋېرانىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە سۈكۈت قىلغان ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا تاينىپ تەختنى ساقلىغان. 1931-يىلى ئىسپانىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن تەختنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، كېيىن رىمدا ئۆلۈپ كەتكەن.