Uyghur主要词典
زېئالوت قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1342 - 1349 - يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تېسسالونىكا (ھازىرقى سالونىكا، گېرتسىيىدە) شەھىرىنى مەركەز قىلىپ قوزغالغان خەلق قوزغىلىڭى، قاتناشقۇچىلار <زېئالوت> (<قىزغىن مۇئامىلىلىكلەر>، يەنە بىر ئېيتىلىشتا <خەلق دوستلىرى> دېگەن مەنىدە ئىكەن) دەپ ئاتىلىدىغان رادىكاللارغا مەنسۇپ بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1342 - يىلى قوزغىلاڭچىلار ئاممىسى تېسسالونكا شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنى شەھەر جۇمھۇرىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتكەن، لېكىن ھاكىمىيەت يۇقىرى تەبىقىدىكى سودا - سانائەتچىلەر ۋە كىچىك فېئوداللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئۇلار يوشۇرۇن ھالدا چوڭ فېئوداللار بىلەن مۇرەسسەلەشمەكچى بولغان. 1345 - يىلى زېئالوننىڭ تۆۋەن تەبىقىسىدىن بولغان ئاندرې پالېئولوگۇس ۋە گېئورگې كوگالنىڭ رەھبەرلىكىدە يەنە يېڭىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەرنىڭ پۈتكۈل ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن ئارقىدىن بىر مۇنچە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. ئالايلۇق، دىنىي جەمئىيەت، موناستىر ۋە چوڭ فېئوداللارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىر قىلىپ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى نامرات دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن؛ يانچىلارنى ئازاد قىلغان؛ نامراتلارنىڭ جازانىخورلاردىن ئالغان قەرزىنى بىكار قىلغان؛ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ خەلقنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەن؛ شەھەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى پۈتكۈل شەھەر ئاھالىسى قاتناشقان خەلق يىغىنى سايلاپ چىققان. ۋىزانتىيە پادىشاھى يوھاننېس Ⅵ (كانتا كۇزېن) بۇنىڭدىن ئەس - ھۇشىنى يوقىتىپ، ھېچنىمىگە قارىماي تۈركىيىلىكلەردىن ياردەم سورىغان. بۇنىڭ بىلەن 1349 - يىلى تېسسالونىكانى ئىگىلەپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان.