Uyghur主要词典
زېتكىن
دۇنيا تارىخى
(1857 - 1933). گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاتاقلىق ئايال پائالىيەتچى. سوتسىيالىستىك ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى كلارا ئېسسىنېر. ۋېيدى دەرياسى ۋادىسىدىكى فېدىلورنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لېيپىسېگ شەھىرىدىكى سىمىت قىزلار سىفەن شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1882 - يىلى پارىژغا بېرىپ، پارىژدا مۇساپىر بولۇپ تۇرىۋاتقان گېرمانىيەسوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، روسىيىلىك ئوسىپ سېتكىن ( - 1889) بىلەن توي قىلغان. 1889 - يىلى ئىككىنچى ئىېنتىرناتسىئونال قۇرۇش يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشكە ھەمكارلاشقان. 1892 - 1917 - يىللىرى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيسى ئايال ئىشچىلار ئۈچۈن نەشىر قىلغان <باراۋەرلىك> گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1910 - يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ كوپىنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن سوتسىيالىستىك ئاياللار قۇرۇلتىيدا دۇڭكىر بىلەن بىللە 8 - مارتنى باراۋەرلىكنى تىنچىلىنى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە خەلقئارا ئاياللارنىڭ جەڭگىۋار بايرىمى قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، بېرنىشتېيىن رېۋىزىئونىزمىغا ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سولچى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1916 - يىلى سپارتاك ئىتتىپاقى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1918 - يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومېتىتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1920 - يىلدىن ئېتىبارەن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1921 - يىلى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە ئىجرائىي كومىتېت ئەزاسى، ھەيئەت رىياسىتى ئەزاسى بولۇپ، خەلقئارا ئاياللار ھەرىكىتىدە تەشكىلاتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1932 - يىلى8 - ئايدا گېرمانىيە پارلامېنتىدا فاشىستلارغا قارشى مەشھۇر نوتۇق سۆزلىگەن؛ 10 - موسكۋاغا بارغان. ئىككىنچى يىلى 6 - ئاينىڭ 02 - كۈنى كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان. قىزىلمەيدانغا دەپنە قىلىنغان. <لېنىننى ئەسلەش>، <لېنىننىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارغا بەرگەن ۋەسىيىتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.