Uyghur主要词典
زىرافە
بىئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ جۈپ تۇياقلىقلار ئەترىتى، زىراپىلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بوينى ۋە تۆت پۇتى ئالاھىدە ئۇزۇن، شەكلى تۆگە بىلەن قاپلان - يىلپىزنىڭ ئارىلىقىدا تۇرىدۇ. ئەركىكىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئالتە مېتىر بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئەڭ ئېگىز ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ؛ چىشىسى سەل پاكارراق بولۇپ، بەش مېتىرغا يېتىدۇ. ئەركەك - چىشىلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىدە سىرتىنى تېرە ھەم يۇمشاق تۈكلىرى ئوراپ تۇرغان 6 - 7 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر جۈپ مۈڭگۈزى بولىدۇ. كۆزى چوڭ، پولتىيىپ چىققان ھەم چوققىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالدىغان نەزەر سېلىشقا ماسلاشقان. گەۋدىسى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، دۈمبىسىدىن قۇيرۇقىغىچە تۆۋەنلەپ بارىدۇ. قۇيرۇقى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇچىدىكى تۈكلىرى ئۇزۇن غۇجمەكلەشكەن. بۇرۇن تۆشۈكى ئەركىن ئېچىلىپ - يېپىلىپ قۇم - چاڭلارنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ. قۇلاق سۇپرىسى چوڭ، ئاڭلاش، كۆرۈش سېزىملىرى ئۆتكۈر. پۈتۈن تېنى تورسىمان قوڭۇر - سېرىق داغ سىزىقلىرى بىلەن قاپلانغان. قېرىنى تۆت خانىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆشەيدۇ، لېكىن خالتىسى بولمايدۇ. ئېزىق چىشى تاجى پەس، كۆپ پۈرمىلىك، ئاچا تۇياق، يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز بولۇپ، سائىتىگە 60 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، <زىرافە> ئەرەب تىلىدا <يۈگۈرەك> دېگەن مەنىگە ئىگە. ئۇلار توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىنچە ئورمانلىق، ئوتلاقلاردا ماكانلىشىپ دەرەخ يوپۇرمىقى ۋە يۇمران شاخلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇسسۇزلۇققا چىداملىق، كۈيلەش مەزگىلىدە ئەركەكلىرى ئارىسىدا جىددىي رىقابەت يۈز بېرىدۇ. بوغاز مەزگىلى 15 ئاي بولۇپ ئادەتتە بىردىن تۇغىدۇ. بالىسىنىڭ بوينى قىسقا بولۇپ، ئۆسۈش جەريانىدا تەدرىجىي ئۇزىرايدۇ. ئۇنىڭ ھازىر ساقلانغان تۈرلىرى پەقەت ئافرىقىغىلا تارقالغان، ئاتاقلىق تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىچىسى لامارك زىرافەنى مىسال قىلىپ ئىلغارلىرى ئارقىلىق كېرەكسىزلىرىنى چېكىندۈرۈش نەزەرىيىسىنى چۈشەندۈرگەنىدى. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشلارغا قارىغاندا، مەملىكىتىمىزدە تارقىلىپ يۈرگەن <چىلىن> دېيىلگىنى بەزىدە دەل زىرافىنى كۆرسىتىدۇ. مەملىكىتىمىزدە زىرافەنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تېپىلغان. ئۇ كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بىر خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان.