Uyghur主要词典
زىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاست، بىرەر نەرسىنىڭ تېگى، ئاستى:
مۇزىكىدا ئەڭ ئىنچىكە، يېقىملىق ئاۋاز، نازۇك تاۋۇش:
سىڭىش، ئولتۇرۇش، ئۆزلىشىش:
مەسىسى ۋۇجۇدۇڭنى سېنىڭ زىر قىلۇر،
زەرگەرى ھەققانى چۇ مەنزەر قىلۇر.
زەلىلى.
2. ھەقىقەت ئەھلى تەئرىف ئەتمەيىن فەھم ئەيلەگەي بىردەك،
مۇغەننى ئەرغەنۇن تارىنى نەچچە زىرۇ بەم چەكتى.
ئەرشى.
سۇھبەتى ئالىم كۆڭۈلغە زىر ئېتەر،
ئول كىشى ھەق بۇيرۇغاننى تېز ئېتەر.
خەراباتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىرەر نەرسىنىڭ تېگى، ئاستى؛ پەس، تۆۋەن؛ مۇزىكىدا ئەڭ ئىنچىكە ئاۋاز، نازۇك تاۋۇش: زىرۇم بەم - ئىنچىكە ۋە يوغان تاۋۇش؛ زىرى بار - يۈك ئاستى، يۈك ئاستىدا قېلىش. كۆچمە مەنىسى: خىجالەتتە قېلىش؛ زىرى بار ئەتمەك - خىجالەت قىلماق، ئۇيالدۇرماق؛ زىرى دەست - تەۋەلىك، تەۋە بولغان؛ مەغلۇپ؛ بىراۋنىڭ قول ئاستىدا ياشىغۇچى؛ زىرى دەست ئولماق - تەۋە بولماق، مەغلۇپ ۋە مەھكۇم بولماق؛ زىرى دەست قىلماق - تەۋە قىلماق،مەغلۇپ ۋە مەھكۇم قىلماق، ئۆزىگە بويسۇندۇرماق؛ زىرى زەنگىن - قول ئاستى؛ زىرۇ زەبەر - ئاستىن - ئۈستىن، ئاغدۇرۇلغان، ئۆڭتۈرۈلگەن؛ زىرى تۇفراق - توپىنىڭ تېگى، توپا ئاستىغا كۆمۈلگەن؛ زىرى خاك - توپا ئاستى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
زىر - ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر زىر تەخمىنەن 81 - 65 سانتىمېتر كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
لەرزىگە كەلگەن، تىترىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتى ياكى تاۋۇشى.
زىر قىلىپ قالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەرەب يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان بەلگە. ئۇ يېزىقتا <-> بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇش <ئى> غا ۋەكىللىك قىلىدۇ.