Uyghur主要词典
زىنوۋيېۋ
دۇنيا تارىخى
(1883 - 1936) سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭى ئۆكتىچىلەرنىڭ باشلىقى. ئىلىساگرادتا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بېرىنداخىمىيە ۋە قانۇن ئۆگەنگەن. 1901 - يىلى روسىيە سوتسىيال دىموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىن روسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1906 - 1908 - يىللىرى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى پېتربۇرگ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، <ئالغا گېزىتى>،<سوتسىيال دېموكراتلار> گېزىتىدىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت چەتئەلدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. <ھەقىقەت گېزىتى>، <پرولېتار گېزىتى> ۋە <ئىشچىلار گېزىتى> نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۆكتەبرئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، پارتىيەنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ فاڭجىنىڭ قارشى تۇرغان ھەمدە كامېنيېۋ بىلەن بىرلىكتە مېنشىۋېكلارنىڭ <يېڭى ھايات گېزىتى> دە قوزغىلاڭ پىلانىنى ئاشكارلاپ قويغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مېنشېۋىكلار بىلەن سوتسيال ئىنقىلابچىلار قاتناشقان <بىرلەشمە ھۆكۈمەت> قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بولشىۋىكلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت ئىگىلىشىگە قارشى تۇرغان. كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتىت سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، پېتروگراد سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1919 - يىلى كوممۇنىستىكى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەئىسى بولغان. 1924 - يىلى لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كامنېيېۋ بىلەن <يېڭى ئۆكتىچىلەر>نى تەشكىل قىلغان. 1926 - يىلى تروتىسكىي بىلەن پارتىيەگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىل قىلغان. شۇ يىلى سىياسىي بيۇرودىن چىقىرىۋېتىلگەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدىكى ۋەزىپىسىمۇ ئېلىپ تاشلانغان. 1927 - يىلى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1934 - يىلى قولغا ئېلىنغان. 1936 - يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.