Uyghur主要词典
زىنھار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زىنھار، ئەسلا، ھەرگىز، ھىچ:
ئىلتىجا، ئىلتىماس، يېلىنىپ سوراش:
ئېھتىياتتا بولۇش، ئاگاھ بولۇش؛ دىققەت، ھوشيار:
1. ئۆزۈڭنى شاد تۇتقىل، غەم يېمە دۇنيا ئۈچۈن زىنھار،
كى، بىردەم غەم يېمەككە ئەرزىمەس دۇنيايى فەرسۇدە.
بابىر.
2.زىنھار، ئەي مۇسافىر، شام ئولدى بىر دۇئا قىل،
رەددى بەلا دېدىلەر ھەر سۆھبەتى خۇدايى.
زەلىلى.
3. ھوشيار بولۇپ بارما، بەيابان سەرى دەرۋىش،
بۇ ۋادەدە زىنھار.
يول كۆرگۈزۈر ئەلنىڭ ئۇنى ئاۋاز جەرەسدۇر.
چۈن سەيھەئى دۇلدۇل.
زەلىلى.
4. ئۇنىڭ كويىدا قولۇڭنى دەفن ئەيلەگىل زىنھار،
كۆيۈپ فىراق ئوتىدا مەھزۇن ئۆلدى، ئەي ئەھباب.
مەھزۇن.
ئەلۋەتتە، چوقۇم:
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
بولۇشسىز پېئىللار بىلەن كېلىپ <ئەسلا، پەقەت، ھېچقاچان، قىلچە، مۇتلەق> دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ.
ھەلىمىخان ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولدى، ئەمما مەزىن زىنھار ئۇنىمىدى.