Uyghur主要词典
زەخمەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەلسىز قولدىن كەتكەن، يوقالغان نەرسە.
ھايان ماڭا بولسۇن، زىيان ساڭا. زىيان ئاچچىق، پايدا تاتلىق. كىمنىڭ كىيگەن لىباسى بولسا گەر ئىلمۇھۈنەر، ئۆيىدىكى زىلچىسى بورا بولسا نە زەرەر. قېرىنداش بولسىمۇ جاھىل، كېچىپ كەت، راھىتىدىن كۆپ، ساڭا زىيان - زەخمەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغدىن، قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن، ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدىغان شىكەستە.
<يېغىر> ئات - ئۇلاققا قارىتا ئېيتىلغان.
قول يارىسى كېتەر، دىل يارىسى كەتمەس. ئۇنىڭ يارىسىغا تەگمە. يارىسىغا تۇز سەپمە. جاراھەتنىڭ ئاغرىقى جاننى ئاېلىپ، جاڭگالدا قويىدۇ. چاقاڭ ساقايغۇچە چالۋاقىما. قېتىقنىڭ ئىچى زىدە، گالۋاڭنىڭ بېشى زىدە. كۈچلۈكلەردىن زەخمەت يېمەي دېسەڭ، كۈچسىزلەرگە پايدا يەتكۈز. توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئېگەر غاجىلاپ يېغىر بوپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئازاب، كۈلپەت، مۇشەققەت؛ ئازار - ئەلەم.
زەخمەت چەكمەك. زەخمەت يەتمەك.