Uyghur主要词典
زەخىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كاتتا، زور، ھەيۋەتلىك، گەۋدىلىك:
ۋە ئول تائىفە بەغايەت زەخىم ۋە جەسىم ئەل ئېرىدىلەر. مەۋلانە قەۋسىي ... زەخىم ۋە كۈچلىدۇر.
نەۋايى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تىغ، نەيزە قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇلۇش، مەلۇم نەرسىگە سوقۇلۇش تەسىرىدىن بەدەن ۋە نەرسىلەردە پەيدا بولىدىغان جاراھەت، يارا.
زەخىم بولماق. زەخىم قىلماق.
كۆچمە. مەنىۋى جەھەتتىكى دەر - ئەلەم، ئازاب - ئوقۇبەت؛ قايغۇ.
ئەركىننىڭ خېتىدىن ئارزۇگۈلنىڭ قەلبى زەخىم يېدى.
ۋەيران بولۇش، بۇزۇلۇش، كاردىن چىقىش.
بۇ ئۇرۇش قەدىمىي قەلئە - قەسىرلەر ۋە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېغىر زەخمىگە ئۇچراتتى.