Uyghur主要词典
زەردار ئاقسۆڭەك
دۇنيا تارىخى
لاتىنچە Nobilitas دېگەن سۆزنىڭ مەنا تەرجىمىسى. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈرىشىدە بىر قىسىم ھاللىق پۇقرالار بىلەن كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئۇلار كوپلىگەن يەر مۈلۈككە (جۈملىدىن ئۆزى ئىگىلىۋالغان ئومۇمىي يەرلەر) ۋە كۆپ قۇلغا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ كەلگەن ھەمدە سىنات (يەنى <سىنات ئاقسۆڭەكلىرى> دىگەن مەنىسىمۇ بار) نى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئۇلار پۇل مۇئامىلە ئاقسۆڭەكلىرى، رىتسارلار بىلەن بىللە رىم دۆلىتىنڭ ئىمتىيازلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇپ، رىم ھۆكۈمرانلار گورۇھىغا تەۋە بولغان. ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان <ئىچكى ئۇرۇش>تا تازىلاش، قىرىش نەتىجىسىدە، ئادىمى ئازىيىپ، كۈچى زەئىپلەشكەن. رىم ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندىن (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) كېيىن تېخىمۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. يېڭىدىن شەكىللەنگەن ھۆكۈمرانلار قاتلىمى ئۇنىڭ ئورنىنى دەسسىگەن.