Uyghur主要词典
زەردار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پۇلدار، باي؛ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك:
زىيادە ئەيلەگىل ئىشقىمنى، يارەب قىلما ھەرگىز ئاز،
مۇھەببەت ئەھلى ئىچرە شۇئلەئى ھىجراندا زەردار ئەت.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئالتۇن تۇتقۇچى؛ باي؛ كۈچلۈك.
شىۋىلەر
باي، پۇللۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
قول ئىلكىدە بار، باي؛ پۇلدار؛ دۆلەتمەن.
ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. ئوۋچى بوۋاي زەردار باي بولۇپ كېتىپتۇ.