Uyghur主要词典
زەنجىۋىل
بىئولوگىيە
زەنجىۋىل ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىر يىللىق قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ييلتىزسىمان غولى سېمىز، رەتسىز كاللەكسىمان كۆكۈچ ئاق ياكى سارغۇچ، خۇش پۇراق ھەمدە تەمى ئاچچىق، يوپۇرمىقى ئىككى قاتار بولۇپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكىللىكتىن يىپسىمان تۆمۈنە شەكىللىككىچە، يوپۇرماق تىلى پەردىلەشكەن بولىدۇ. گۈل شېخى يىلتىزسىمان غولىدىن يالغۇز ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى تۇخۇم شەكىللىك؛ گۈلتاجى سارغۇچ يېشىل، يوپۇرماقلىرى تۆمۈنە شەكىللىك بولىدۇ؛ كالپۇكسىمان ياپراقچىسى ئۈچكە يېرىلىدۇ، ئوتتۇرىدىكى يېرىقچە ياپراقچىسى چاسا يۇمىلاق تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، گۈلتاجى ياپراقچىسىدىن قىسقا، بىنەپشە سىزىقچە ۋە سۇس سېرىق توچكىلار بولىدۇ؛ چاڭدان تومۇرىنىڭ قوشۇمچە تەنلىرى چوڭ بولۇپ، ئانىلىق بوينىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە مۆتىدىل بەلباغدا گۈلى ئېچىلمايدۇ. ئەسلى ماكانى ھىندونېزىيە بولۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىغا تارقىلىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ يېڭى يىلتىزسىمان غولى خام زەنجىۋىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ سوغۇقنى تارقىتىش، قوسۇشنى توختىتىش، تىزغا، چايانئوتۋە بېلىق، قىسقۇچ پاقىنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش رولى بار. قۇرۇقى قۇرۇق زەنجىۋىل دەپ ئاتىلىدۇ، سوغۇقنى ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ، زەنجىۋىل شىرنىسى ۋە قېقى دورا قىلىنىدۇ، شۇنداقلا تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يىلتىزسىمان غولى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بوتانىكا
زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولىنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، تەم تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە دورىمۇ تەييارلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى.