Uyghur主要词典
زەنگىد سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<نۇرىيە سۇلالىسى> مۇ دېيىلىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى يەرلىك ئسىلام پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سۇلالىنى قۇرغان ئىماددىن زەنگى (1127 - يىلىدىن 1146 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سالجۇقىيلار سۇلتانى مالىك شاھنىڭ تۈركىي قۇلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، كېيىن سالجۇقىيلار سۇلتانىنىڭ ئاتا بېگى بولدى. 1127 - يىلى مەۋسىلدە سۇلالە قۇرۇپ، مىسۇپوتامىيە ۋە سۈرىيىنىڭ كۆپ قىسىم رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئوغلى نۇردىن مەھمۇد (1146 - 1174) بىلەن ئەھلىسەلىبكە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا زەربە بېرىدىغان باشلامچىسى بولدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى شىركوھ (؟ - 1169) ۋە سالاھىددىن مىسىردىكى فاتىمىيە سۇلالىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئىدارە قىلدى. كېيىن سالاھىددىن فاتىمىيە سۇلالىسىنى يوقىتىپ، ئۆزى ئەييۇبىيە سۇلالىسىنى قۇرۇپ، زەنگىد سۇلالىسىنى يۇتۇۋەتتى.