Uyghur主要词典
زەھەر بېزى
بىئولوگىيە
ھايۋان تېنىدىكى زەھەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بەز تەنىچىسى. ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ زەھەر بېزىنىڭ كېلىش مەنبەسى، تۈزۈلۈشى، بەدىنىگە جايلاشقان ئورنى، ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىسىنىڭ تەركىبى ھەم خۇسۇسىيىتى ئوخشىمايدۇ. ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ھاشاراتلار سىنىپىدىكى پەردا قاناتلىقلار ئەترىتى، قوش قاناتلىقلار ئەترىتى، يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە زەھەر بېزى بولىدۇ؛ پەردە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھەسەل ھەرە ئىشچى ھەرىسىنىڭ زەھەر بېزى قورساق قىسمىغا جايلىشىپ قۇيرۇق ئۇچىدىكى چىقىش تىكەنچىسىگە تۇتاشقان. زەھەر بېزى نەيچىسىمان كىسلاتالىق بېزى ھەم ئۇنىڭ كۆپكەن (يوغان) زاپاس ساقلاش قىسمى ئارقىلىق زاپاس ساقلاش قىسمىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچىغا تۇتاشقان ئىشقارلىق بېزىگە بىرىككەن بولۇپ، ئىشلەتكەن چاغدا ئىككى خىل سۇيۇقلۇق ئارىلىشىپ چىقسىمۇ، لېكىن يەنىلا كىسلاتالىق خاراكتېردە بولىدۇ، زەھەر سۇيۇقلۇقى ئامبۇر تىكەنچىسى ئارقىلىق باشقا ھايۋان تېنىگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ قوش قاناتلىقلار ئەترىتى، يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى پاشا، ئېتىز تاشپاقىسى قاتارلىقلارنىڭ زەھەر بېزى باش قىسمىغا جايلاشقان؛ تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى زەھەرلىك (چاققاق) پەرۋانىنىڭ زەھەر بېزى تۈك ئاساسىدا بولىدۇ، كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپى ئۆمۈچۈكنىڭ زەھەر بېزى ئامبۇر پۇتىدا؛ سېرىقئېشەكنىڭ (چاياننىڭ) زەھەر بېزى قۇيرۇق تىكەنچىسى ئىچىدە بولىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن قوش ماكانلىقلارنىڭ تېرىسىدىكى زەھەر بەزلىرى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بەزلىرىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن كەلگەن؛ يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى زەھەرلىك يىلان ۋە زەھەرلىك كەسلەنچۈك قاتارلىقلارنىڭ زەھەر بېزى بولسا، بەزى ئېغىز بوشلۇقى بەزلىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھەر بېزى زەھەر چىشىغا تۇتاشقان بولۇپ، مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ زەھەر بېزىنى قىسىش ئارقىلىق زەھەر سۇيۇقلۇقىنى تۇتۇۋالغان ئولجىسىنىڭ بەدىنىگە كىرگۈزىدۇ، ئۇنىڭ زەھەرچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، چېقىۋېلىنىپ زەھەرلەنگۈچىلەرگە ئۆلۈم خەۋپى تۇغدۇرىدۇ. زەھەر بېزى گەرچە خىلمۇ خىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رولى ئاساسەن ئوزۇق تۇتۇش ۋە دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت.