Uyghur主要词典
زەھەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
«زەھر» گە قاراڭ.
كىشى يارى بىلەن دايىم زەھەر يەر،
ئانى ئىشق ئەھلى زەھر ئېرمەس شەكەر دەر.
خىرقىتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورگانىزىمغا كىرگەندىن كېيىن خىمىيىۋى ئۆزگىرىش ياساپ، تىرىك ئورگانىزىمنى بۇزىدىغان ھەتتا ئۆلتۈرىدىغان ماددا.
زەھەرنىڭ دورا بولىدىغان ۋاقتى بار. ئۆلچىمىدىن ئاشقان دورا _ زەھەر. ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى <بىئول> ئورگانىزملارنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلاردا خىمىيىۋى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، بەدەن ئىچىدىكى توقۇلما ۋە ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنى بۇزۇش رولىنى ئوينايدىغان ماددا؛ ئوغا.
يىلاننىڭ زەھىرى.
سۈت - زەھەر بولسىمۇ يۇت (ماقال).
ئى. كۆچمە. بىرەر ئىش ياكى شەيئىدىن قېلىپ قالغان ھەمدە كىشى ئىدېئولوگىيىسىگە بىۋاستە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسە؛ يامان تەسىر.
فېئودالىزمنىڭ زەھىرى. زەھىرىنى تازىلىماق.
سۈپ. ناھايىتى ئاچچىق.
نېمىدىگەن زەھەر بۇ، مە، ئۆزۈڭ ئىچ!
سۈپ. كۆچمە. كىشىگەنەشتەردەك تېگىدىغان،دىلىغا ئازار بېرىدىغان.
سەن زەھەر تىلىڭنى يىغساڭ بولارمىكىن؟! سىزدەك زەھەر ئادەمنى ئەزەلدىن كۆرگىنىم يوق!...
ئى. ئاچچىق، دەرد ـ ئەلەم، غەزەپ - نەپرەت.
ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ زەھىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرەتتى.
ئى. كۆچمە. كىچىك تەرەت.
زەھەر قىلماق.