Uyghur主要词典
زاتى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر زات، يېگانە زات، ئۇلۇغ زات:
ۋۇجۇدلەر خويى ئېردى ۋۇجۇدى ئالەم، ئاراسى،
بەھاسىز گەۋھەرى ناياب ئېردى زاتى يەكتاسى.
مەشھۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېگى، ئەسلى، نېگىزى؛ يارىتىلىشقا باغلىنىشلىق، تەبىئىي؛ شەخسى: ئىلتىپاتى زاتى - شەخسى ئىلتىپات.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەخسنىڭ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشى ياكى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بەلگىلەيدىغان سالاھىيىتى.
« كېلىپ چىقىش » تېزىق تىلىدا، قالغانلىرى ئېغىز تىلىدا كېلىدۇ.
تېگىم دېھقان، كېيىن ئىشچى بولدۇم. تېگى _ تەكتىدىن پەخىرلىنىش ساراڭنىڭ ئىشى. زاتى پەسنىڭ ئۆزى پەس. كېلىپ چىقىش ئادەم ئۈچۈن زۆرۈر، لېكىن ھازىرقى ئىپادىسى مۇھىم.