Uyghur主要词典
زاپاس ساقلىغۇچى يىلتىز
بىئولوگىيە
تەن شەكلى چوڭ، تەركىبىدە زور مىقداردا ئوزۇقلۇق بولغان، ھالەت ئۆزگەرتكەن يىلتىز. بۇ خىل يىلتىز بەزى ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردە بولىدۇ. ئۇ قىشتىن ئۆتۈش ۋە ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشكە ماسلىشىشنىڭ ئېھتىياجى. ئۇ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) گۆشلەشكەن يىلتىز. بۇ ئاساسىي يىلتىزنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، بىر تۈپ ئۆسۈملۈكتە پەقەت بىر تال بولۇپ كۆپىنچە بىگىزسىمان ياكى شارسىمان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستى قىسمى تۆرەلمە ئوق بىلەن بوغۇم ئارىلىقى قىسقا بولغان غولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، توپلىشىپ ئۆسكەن يوپۇرماق كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، تۇرۇپ، سەۋزە ۋە قىزىلچىنىڭ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان قىسمى. تۇرۇپنىڭ يوغىنىغان قىسمى ئاساسەن كېيىنكى ياغاچلىق قىسىم، سەۋزىنىڭ كېيىنكى ئەۋرىشىملىك قىسمى، قىزىلچىنىڭ ئوتتۇرا ئوق غىلىپى ئۆزلۈكسىز ھاسىل قىلغان نورمىدىن سىرت ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ چوڭىيىشىدىن ھاسىل بولغان قىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (2) تۈگۈنەك يىلتىز. بۇ يان يىلتىز ياكى تۇراقسىز يىلتىزنىڭ قىمەن ئورنىنىڭ چوڭىيىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، بىر تۈپتە بىردىن كۆپ بولىدۇ، سىرتقى شەكلى رەتسىز بولۇپ، تۆرەلمە ئوق ۋە غولىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مەسىلەن، تاتلىق ياڭيۇ، قارىقاتگۈل، پىچەكگۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى. تاتلىق ياڭيۇنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى ئۇنىڭ تۇراقسىز يىلتىزىنىڭ دەسلەپكى ياغاچلىق قىسمىدىكى ئۆتكۈزگۈچى قاناللار ئەتراپىدا (ياكى باشقا ئورۇندىكى) ھاسىل بولغان ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ يوغىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.