Uyghur主要词典
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي ياقىسى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرپەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سامارىيە بىلەن يۇدېيادىن ئىبارەت ئىككى رايونغا توغرا كېلىدۇ. مەيدانى 5879 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). ئورنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. 1947 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى ب د ت نىڭ پەلەستىننى بۆلۈش ھەققىدىكى قارارىغا ئاساسەن بۇ رايون قۇرۇلماقچى بولغان ئەرەب دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. 1948 -، 1949 - يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ رايون (ئىروسلىمنىڭ شەرقىي بىلەن) ئىئوردانىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1967 - يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئىگىلىۋالغان. بۇ يەردە تاغلىقلار كۆپ بولۇپ، مۆتىدىل بەلباغ مېۋە - چېۋىلىرى، ئۈزۈم، ياغلىق زەيتۇن، ئەنجۈر ھەم ئاشلىق ئۆستۈرۈلىدۇ. غەربىدىكى يەر ۋەزىيىتى پەسرەك رايونلار بىلەن شەرقتىكى ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدا ئېپلسىن، بانان، ئامېرىكا ئامۇتى، كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايدا نۇرغۇن مۇقەددەس دىنىي ئورۇنلاr بار. ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ساياھەتچىلىك مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。