Uyghur主要词典
ئىئو
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدكى مەبۇدە ھېرانىڭ ئايال كاھىنى. جەنۇبىي يۇناندىكى ئارگوسنىڭ رىۋايەتتىكى پادىشاھى (دەريا خۇداسى) ئىناكۇسنىڭ قىزى بولۇپ، بەكمۇ گۈزەل ئىكەن. ئۇنىڭغا زېۋىس كۆيۈپ قالغانىكەن. زېۋىس ھېرانىڭ كۈنلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىئونى ئاق غۇنىجىنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. ھېرا بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، 100 كۆزلۈك گىگانت ئارگۇسنى پايلاقچىلىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. زېۋىس ھېرامىسنى ئەۋەتىپ، ئارگۇسنى ئۆلتۈرگۈزۋېتىپتۇ. ھېرا يەنە بىر ئەقىل تېپىپ، چوڭ كۆكۈيۈننى قويۇپ بېرىپ، ئىئونى ئازابلاپتۇ. ئىئو قېچىپ يۈرۈشكە مەجبور بولۇپ ھەممە جايغا بېرىپ، ئاخىرى مىسىردا ماكانلىشىپ قالغان ھەم ئادەم قىياپىتىگە قايتىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىئو مىسىرلىقلار چوقۇنىدىغان ئېسىسقا ئايلىنىپ قالغانىكەن.