Uyghur主要词典
ئىئونىيە
دۇنيا تارىخى
ئىئونىس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر رايون، تەخمىنەن مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا گرېكلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئىئونىيىلىكلەر بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە گرېكلاردىن باشقىلار، مەسىلەن: كالىيالىقلار، لىلىگلار، كرىتلار ۋە باشقىلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ دائىرىسى ئومۇمەن جەنۇبتا مېندر دەرياسى ئېغىزىدىن شىمالدا خېرمۇس دەرياسى ئېغىزىغىچە؛ شىمالدا ئېئولىسقىچە. بۇ يەرنىڭ يېرى مۇنبەت، ماددىي بايلىقى مول، يەنە كېلىپ ئېگېي دېڭىزىدا قاتناش ئەپلىك بولغاچقان، ئۇ ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىپ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى يۇناننىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئەنئەنىۋى خاتىرىلەرگە قارىغاندا 12 مەشھۇر شەھەر بولغان، بۇلار (جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاتىغاندا)؛ مىلېتو، مىئۇس، پرىسنې، ساموس (ئارال)، ئېپېسۇ، كولوپون، لېبېدۇس، تېئوس، ئېرىتېراي، كىئاس (ئارال)، كدازومېنا ۋە پوكائېيا. شەھەرلەر ئارا ئىتتىپاق قۇرۇلغان، لېكىن ئۇ مۇستەھكەم بولمىغان. مىلېتو قاتارلىق شەھەرلەر كەينى - كەينىدىن سىرتقا قارىتا مۇستەملىكە قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىردە لودىيا پادىشاھلىقى كىچىك ئاسىيادا گۈللەنگەن، كروئېس ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا (مىلادىدىن Ⅵ ئەسىردە) ئىئونىيە بويسۇندۇرۇلغان. كېيىن پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇسنىڭ گېنېرالى ھاپاگۇ ئىئونىيىنى بويسۇندۇرغان. ھەرقايسى شەھەرلەر پېرسىيە باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئەسكەرلىك ۋە ئولپاننى ئۈستىگە ئالغان. مىلادىدىن 500 يىل ئىلگىرى مىلېتر شەھىرىدە پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، باستۇرۇلغان؛ بۇ ۋەقە يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. يۇنانلىقلار پېرسىيىنى يەڭگەن (مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى)، ئىئونىيە يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بولغان. يۇناننىڭ خارابلىشىشىغا ئەگىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردە ماكىدونىيە ۋە ئالېكساندرنىڭ ئىز باسارلىرىغا تەسلىم بولۇپ بېقىنغان؛ مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە رىمنىڭ <ئاسىيا ئۆلكىسى> گە قوشۇلغان. مىلېتو بىلەن ئېپېسوس - يۇنان ماتېرىيالىستىك پەلسەپىسى (تەبىئەت پەلسەپىسى ئېقىمى) نىڭ مەنبەسى، تېلېس بىلەن ھېراكلىت ئۇنىڭ ۋەكىلى. كلازومېنائېدىكى ئاناكساگورا (پەيلاسوپ)، تېئوستىكى ئاناكرېئون (شائىر) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇناندىكى داڭلىق كىشىلەر. بىناكارلىق تېخنىكىسى جەھەتتىمۇ خېلى تۆھپە قوشقان.