Uyghur主要词典
ئىبادەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىبادەت، ئىبادەت قىلىش، تېۋىنىش، قۇللۇق قىلىش؛ ناماز:
شەۋقى دائىم يىغلاغىل تائەت - ئىبادەت پېشە قىل،
جۇملە نېئمەتدىن ئۇلۇغ دىدارى نېئمەت بىر تەرەف.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەڭرىگە قۇللۇ قىلماق، تېۋىنماق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز <چوقۇنۇش>، <تېۋىنىش>، <سەجدە قىلىش> دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. ئىسلام فەقىھلىرى مۇناسىۋەتلىك دىنىي قائىدە - مۇراسىملارنى شۇنداق ئاتاشنى بەلگىلىگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تەڭرىگە ئىتائەت قىلىش، تەڭرىنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش يۈزىسىدىن قىلىنىدىغان دىنىي مەجبۇرىيەت؛ مۇراسىم، ناماز.
ئىبادەت قىلماق.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىبادەتخان، ئىبادىگۈل، ئىباگۈل، ئىباقىز
چوقۇنماق