Uyghur主要词典
ئۇزاقلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئارىلىقى، مۇساپىسى بارغانسېرى ئۇزارماق، يىراقلاشماق.
بىلالىدىننىڭ كەشىنىڭ شاقىلدىغان ئاۋازى بارغانسېرى ئۇزاقلىشىپ، ئاخىرى ئاڭلانماي قالغاندا ئۇستاز بىلەن شاگىرت تەڭلا كۈلۈۋەتتى.
كۆچمە. ئالاقىسى سۇسلاشماق، باردى - كەلدىسى ئازايماق.
گاھىلىرى پارتىيىدىن ئۇزاقلىشىپ، پۈتۈن پىكىر - زىكرى بىلەن ئائىلىسىنىڭ غېمىنى يېيىشكە كىرىشىپ كەتتى.