Uyghur主要词典
ئۇزاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت ۋە ئارىلىق قىسقا ئەمەس. <ئۇزاق> ۋاقىتنى، <ئۇزۇن> ئارىلىقنى كۆرسىتەتتى، ھازىر ئارىلاش قوللىنىلىۋاتىدۇ.
غېمى يوقنىڭ ئۇيقۇسى ئۇزاق. ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، سالماڭ ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇزۇن سۆز - شالاڭ بۆز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزۇن ئارىلىق.
كۆزدىن يىراق - كۆڭۈلدىن يىراق. قىڭغايغان يۈك يىراققا بارماقس. يول يىراق بولسا بولسۇن، كۆڭۈل يىراق بولمىسۇن. ئوڭاي كەلگەن ئۇزاققا بارماس. يالغان سۆز ئۇزاققا بارالماس، يالغانچىنىڭ كېمىسى يىراققا بارالماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زامان ۋە ماكاننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئارىلىقى چوڭ. <ئۇزاق> كۆپرەك زامانغا قارىتىلىدۇ.
قىسقا، كالتە، كوتا
زامان ۋە ماكاننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئارىلىقى كىچىك.
تۆمۈرنى قىسقا كەس، ياغاچنى ئۇزۇن. ئۇزۇن سۆز شالاڭ مايسا. يولسىزنىڭ تىلى قىسقا. باتۇرنىڭ ئۆمرى قىسقا، داڭقى ئۇزۇن. گەپنىڭ قىسقىسى ياخشى، كۆسەينىڭ ئۇزۇنى. يازدا ئالتە چاپان ئاپتۇ، قىشتا كالتە چاپان. ئۇيقۇسى ئۇزاقنىڭ ئۆمرى كوتا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇزاق.
بىرەر ئىش ئاقىغا سۆرىلىپ كەتسە « ئۇزاق ئىش» دېيىلگىنىدەك، بىر يەرگە ئەۋەتىلگەن كىشى كېچىكسە، « يالاۋاچ ئۇزاق بەردى _ ئەلچى ھايال بولدى» دېيىلىدۇ.
1 - 90
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«ئۇجاك» قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئارىلىقى ئۇزۇن، يىراق.
ئالماس ئاتلارنىڭ ئۇزاق يەردىن توختىماي چېپىپ كەلگەنلىكىنى بىر قاراپلا بايقىدى.
ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان، كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان، ۋاقتى ئۇزۇن.
- مۇشۇ كەنتنىڭ ئۆزىدە كۆردۈم، - دېدى مۇئەللىم، - ئانچە ئۇزۇن بولمىدى.
بىز زاھىدە توغرىسىدا ئۇزاق پاراڭلاشتۇق.