Uyghur主要词典
ئۇۋاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەجمى، ئۆلچىمىي چوڭ بولمىغان.
«كىچىك» ئەڭ ئومۇمىي، ھەممىگە چۈشىدۇ.
كۆز كىچىك بولغىنى بىلەن كۆرىدىغىنى چوڭ. بالىلىرىم ئۇششاق، پۇتۇمغا چۈشەك. ئېگىز تاغ مەيدە - مەيدە زەررىدىن تۈزۈلگەن. ئۇتۇن ئۇۋىقى بىلەن يانىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
چوڭ ، يوغان، كاتتا، زور، ئۇلۇغ
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۇۋالغان، ئۇششاق پارچىلانغان.
ئۇۋاق كۆمۈر.
- ھوي، بولساڭچۇ، سۈتۈڭنى قاينات، قارىمۇچ بىلەن ئۇۋاق لازاڭدىن بەر!