Uyghur主要词典
ئۇۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ماقۇللۇقنى بىلدۈرىدۇ.
خوپ دېسەڭ ئۇتىسەن، ھوپ دېسەڭ يۇتىسەن. ئالدىرىغاندا « لەۋەي » تېپىلماپتۇ. ماقۇلغا جاۋاب يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە لايىق ياسىۋالغان ئۆيى، جايى.
<پەغەز>، <كاتەك> ئادەم تەييارلىغان ئۇۋا.
مۇشتۇمدەك قۇش يۈرەكتەك ئۇۋا سالار. سايرىغان قۇش چاڭگا سالماس. چاڭگا بۇزۇلسا، تۇخۇم ساق قالماس. قۇش ئاشيانىسى بىلەن، ئادەم ئاشناسى بىلەن. تۈلكە ئايەت ئوقۇسا، غازنى كاتەككە سال. كەپتەرگە پەغەز، خەتكە قەغەز.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاقىرغۇچىغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئېيتىلغان «خوش، لەۋەي» دېگەن مەنىلەردىكى سۆز. بىرەر كىشى «ھەي مۇھەممەت» دىسە، ئۇنىڭغا جاۋابەن «خوش، نېمىگە بۇيرۇيدىلا؟» دېگەنگە ئوخشاش.
1 - 56
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قېرىنداش، تۇققان، شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تاۋار ئۈچۈن تەڭرى ئەزلەمزىپ
ئۇيا قاداش ئوغلىنى چىنلا بوغۇر
{تاۋار ئۈچۈن تەڭرىنى يادىغا كەلتۈرمەي،
ئۇرۇق - تۇققىنىنىڭ ئوغلىنى راستىنلا بوغىدى.}
قېرىنداشلار ئارىسىدىكى رەھىمسىزلىكنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: مال ۋە دۇنيا ئۈچۈن تەڭرىدىن تەپ تارتماي، بىر تۇققاننىڭ بالىسىنىمۇ بوغۇۋېتىدۇ.
1 - 116
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل غىزانىڭ ئېتى. گۈرۈچ قاينىتىلىپ سوغاق سۇغا سېلىنىدۇ، كېيىن سۈزۈۋېلىنىپ شېكەر ۋە مۇز سېلىنىدۇ.
بۇ غىزا سوغاقلىق ئۈچۈن يېيىلىدۇ.
1 - 121
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بەزى ياۋايى ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ھاشاراتلارنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ياسىغان جاي.
قۇشقاچ ئۇۋىسى. چاشقان ئۇۋىسى. چۈمۈلە ئۇۋىسى. ئۇۋىسىنى بۇزماق.
كۆچمە. تۇرار جاي.
- ئانا، سىلەر شۇنداق قىلىپ، 20 يىل باققىنىمىزمۇ يېتەر، ئەمدى ئۆزۈڭگە ئۇۋا تاپ دېمەكچىمۇ؟ - دېدى زەيتۇنەم.