Uyghur主要词典
ئۇرۇقنىڭ كېيىن پىشىشى
بىئولوگىيە
گەرچە تۆرەلمىسىنىڭ مورفولوگىيىلىك يېتىلىشى مۇكەممەللىشىپ ئانا تېنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغان ئۇيقۇ ھالىتىدىكى ئۇرۇق ئۇخلاش مەزگىلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلك ئۆزگىرىش جەريانىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇيقۇدىن خالى بولىدۇ، بۇ كېيىنكى پىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئالما، شاپتۇل، نەشپۈت، گىلاس قاتارلىق ئازغان ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئارچا، قارىغاي قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى. بۇ خىل كېيىنكى پىشىشنى تاماملىغان ئۇرۇقلارنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق نەم قەۋەتلەرگە توپلاپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن كېيىنكى پىشىشى تاماملىنىدۇ.